-
2008-10-29
سىز بىلمەيدىغان 迅雷 خەلقئارا نۇسخىسى - [يۇمشاق دېتال]
بۇ لوگو كۆزىڭىزگە تۇنۇش كۆرۈنىۋاتامدۇ؟ شۈنلېي迅雷مۇ يا؟! توغرا، بۇ شۈنلېي迅雷نىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى يەنى خەلقئارا نۇسخىسى، ئۇنىڭ ئىسمى Gigaget. باشقا چەتئەللىكلەرگە سېتىۋىتىلگەن ماللارغا ئوخشاش، بۇنىڭ سۈپىتى بەك ياخشى! قالايمىقان ئېلان قوشۇلمىغان، ئىشپىيونلۇق دېتال قوشۇلمىغان، قالايمىقان بىرەر ئېكران سەكرەپ چقىپ سىزنى ئاۋارە قىلمايدۇ، "بۇ يەردىن كېرىپ تىزىملىتىڭ" دەپ يەرلىرىمۇ يوق. ھەي، ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان شۈنلېي迅雷 بىزنى بوزەك قىلىپ كەپتۇ دە... ... شۈنلېي迅雷نى كۆپ ئىشلىتىدىغان دوستلار بۇنى سىناپ بېقىڭ. -
2008-09-29
Email ئەسكەرتىمسى ---FireFox قىستۇرمىسى - [يۇمشاق دېتال]

WebMail Notifier، FireFox نىڭ قىستۇرما دېتىلى بولۇپ، بىر ۋاقىتتا Hotmail، Gmail ۋە Yahoo! دىن كەلگەن خەتلەرنى FireFox دىلا سىزگە
ئەسكەرتىش بېرەلەيدۇ. مېنىڭ Hotmail(Live) دا 3، Gmail دا 4، Yahoo! دا 1 خەت ساندۇقلۇرۇم بولغاچقا، بۇ WebMail Notifierماڭا بەكلا ياقتى. ئورنۇتۇش بېتى: https://addons.mozilla.org/zh-CN/firefox/addon/4490
قوللانماققىمۇ بەك ئاسان، چاچى-پاچى نەرسىلىرى يوق، خەت تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ئۆزىڭىز تەڭشىسىڭىز بولىدۇ، مەن 30 مىنۇتتا بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە تەڭشەپ قويغان.
بۇ قىستۇرما، خەت ساندۇقى جىقلارغا، دائىم Email ئىشلىتىدىغانلارغا بەك ئەپلىك بولدى. سىناپ بېقىڭ! -
2008-09-03
Google جاھاننامىسىنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى تەسىراتىم - [يۇمشاق دېتال]
http://eynek.blogbus.com
Google ئۆزىنىڭ جاھاننامىسى Chrome نىچۈشۈرۈش خەۋىرىنى جاكارلانغاندىن كېيىن، شەھەرمۇ-شەھەر يېزىمۇ-يېزىلاردا غۇل-غۇللاركۆتۈرۈلۈپ كەتتى. مەنمۇ كۈچلۈك ھەۋىسىمىنى باسالماي شۇنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم.Chrome چىقىشى بىلەنلا دەرھال ئورنۇتۇپ ئىشلىتىپ باقتىم. Google Chrome نى بۇ يەردىن چۈشۈۋېلىڭ: http://www.google.com/chrome?hl=zh-CN
بىرەر سائەت ئىشلەتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلەرنى چىقاردىم. ئالدىبىلەن ئارتۇقچىلىقىدىن باشلاي:
1. يۇمشاق دېتالنى ئورتاتقاندا ياخشى يېرى، سىزدىن FireFox دىكىسانلىق مەلۇماتلارنى يۆتكېلىپ ئەكىرەمسىز دەپ سورايدىكەن. بۇ بىرىنچى قەدەم ماڭا بەك ياقتى :). بۇ يەنە بىر جەھەتتىن IE8 نى سىرتقا قاققانلىق دەپ قارايمەن، ياخشى قىپتۇ :)!
2. Chrome نىڭ قوزغۇلۇش سۈرئىتى خېلىلا تېز ئىكەن، نىمە دىگىنى بىلەن FireFox غا ئوخشاش ئۇنداق جىق قىستۇرما دېتاللار يوق.
3. Chrome نىڭ كۆرۈنىشى ئاددى، چوڭ سۈپەت ھەم راھەت. خەتچۈك بەتلىرى(标签页) سىرتىدا، قۇرال تاللانمىلىرىنىمۇ يېيىۋەتمىگەن. كۆپرەك ئىشلىتىدىغان ئادرىستلارنى ئادرىست رامكىسى ئاستىغا ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇلارنى تۆۋەنكى رەسىمدىن كۆرىۋىلىڭ:
4. تور بەت ئېچىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز! بۇ بىر جاھاننامىگە نىسبەتەن مۇھىم ئالاھىدىلىك.
5. قۇرۇق بەتنى ئاچسىڭىز، سىزنىڭ ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن ئادرىستلارنى تېزىپ بەرگەن.
6. ئەلۋەتتە ئۈستىدىكىلەردىن باشقا يەنە كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار، مەن ئاساسلىقلىرىنى ئالدىم.
ئەمدى ماڭا ياقمىغان يېرىنى كۆرسىتەي:
1. ھەجىمى چوڭراق بولۇپ قالدى، ئورنۇتۇپ بولغاندىن كېيىن قارىسام 60 M دىن ئېشىپ كېتىپتۇ.
2. Chrome خىزمەت ۋاقتىدا任务管理器 نىڭئىچىدە كۆپلىگەن شۇنىڭ تىزىملىكى بار. قوشۇپ كەلگەندە خېلىلا ئىچكى ساقلىغۇچقا بېسىم بوپ قالغۇدەك.
3. ھازىرچە FireFox غا ئوخشاش قىستۇرما دېتال قوشۇش ئارقىلىق ئۆزىگە ماس نەرسىلەرنى ئىشلەتكىكى بولمايدىكەن.مەسىلەن FireFox دا AdclockPlus ئىشلىتىش ئارقىلىق تور بەتتىكى كېرەكسىز رەسىم ۋە ئېلانلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ، بىلىك مۇنبىرىنىڭ كېرەكسىز لوگوسىنى ۋە ئېلانىنى يوقىتىۋەتكەن ئىدىم، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق تور بەت ئېچىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ(تۆۋەنكى رەسىمنى كۆرۈڭ). Google Chrome دا ھازىرچە بۇنداق قىستۇرمىلارنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.

ئەڭ ئاخىردا دەيدىغىنىم، Google Chrome گە 70 نۇمۇر بېرەلەيمەن.ئۇنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ھازىرچە FireFox يەنىلا مېنىڭ ئاساسلىق جاھاننامەمدۇر.
-
2008-09-02
Google نىڭ جاھاننامىسى《Chrome》 ۋە ئالاھىدىلىكى - [يۇمشاق دېتال]
Google Blog 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۇلارنىڭ ئىنتېرنېت جاھاننامىسى مۇشۇ پات-ئارىدا ئېلان قىلماقچىلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يەرنى چېكىپ ئۇلارنىڭ 38 بەتلىك رەسىملىك كارتون ئېلانىنى كۆرۈۋېلىڭ.
Google Chrome تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە:
1. Google Chrome، Google نىڭ 《open source browser project》، يەنى ئۇچۇق كودلۇق جاھاننامە پىلانى. Safari گە ئوخشاش Webkit ئۇچۇق كودلۇق ماتورىنى قوللانغان.
2. جاھاننامىنىڭ ئىچىگە V8 نىڭ Javascript ماتورى ئورتاتقان، Javascript يۈرگۈزدىغانغا ياخشى ھەم تېز.
3. Omnibox ئىقىتىدارى بار، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا جاھاننامىنىڭ ئادرىست ئۇرۇش يېرىدە تەشەببۇس قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ.
4. Opera گە ئوخشاش Speed Dial تېز خەتچۈك ئېچىش يېرى بار ئىمىش.
5. ئۇنىڭ ئېچىلغان تور بەتلىرى Firefox غا ئوخشاش جاھاننامىنىڭ ئىچىدە بولماي، سىرتىدا بولىدۇ. بۇنى رەسىملىك كارتوننى كۆرسىڭىز بىلىسىز.
6. IE8 InPrivate نىڭ incognito نامسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارى بار.
7. ناچار ۋە خەتەرلىك تور بەتلەرنى قارا تىزىملىككە تىزىپ، بىخەتەرلىكنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن.
قارىغاندا خېلى كۆپ جاھاننامىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قۇرۇپتۇ. قاراپ باقمامدۇق، قانداقراق چىقاركىن :) !
-
پاراڭلىشىش دېتاللىرى، ئىنگلىزچە قىسقارتمىسى IM، يەنى MSN، QQ، Gtalk دىگەندەك يۇمشاق دېتاللاردۇر. EQO نىڭ 2008-يىلى 7-ئايدا ئېلىپ بارغان سىتاتىستىكىسىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكىدەك مەلۇماتقا ئېرىشتۇق:
—— MSNدۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان IM ، 10% تىن ئارتۇق بازارنى ئىگىلىگەن.
—— QQ جوڭگودا، AIM ئامېركىدا ئەڭ مودا، لېكىن باشقا دۆلەتتىكىلەر ئانچە ئىشلەتمەيدۇ.
—— ICQ نى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دۆلەت گىرمانىيە بىلەن روسىيە.
—— Microsoft ئامېركىنىڭ شىركىتى بولغىنى بىلەن، MSN نى ئىشلىتىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ئىمىش.
—— Y!Messenger شەرقى-جەنۇبى ئاسىيالاردا مودا بولۇۋاتقان IM ئىكەن.
—— Gtalk نىڭ ئالغان نىسبىتى بەك تۆۋەن، لېكىن ھىندىستاندا بەك مودا ئىمىش.مېنىڭ شەخسى پىكىرىم، MSN ئەڭ ياخشى ھەم كەسپى بولغان IM. ئەينەك نىڭ MSN سى eynek@live.com دۇر :) !
-
2008-08-14
《iPod Touch》 توغرىسىدىكى خاتىرەم - [يۇمشاق دېتال]
iPod Touch نىڭ خەۋىرى ئاز ئەمەس. يېقىندا قىز دوستۇمنىڭ iPod Touch (16G) سىگە فىلىم قاچىلاپ بەرگەن. بۇ يەردە خاتىرە قالدۇرۇپ قوياي، بىر قىسىم دوستلارغىمۇ ئازراق ياردىمى بولۇپ قالسا ھەجەب ئەمەس.
1. iTunes توغۇرلۇق
باشقا iPod مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش iPod Touch غىمى چوقۇم iTunes ئارقىلىق مۇزىكا-فىلىم قوشۇشىڭىز كېرەك. بۇ يەردە بىرنەچچە دېەققەت قىلغۇدەك يەر بار:
i) iTunes ئورنۇتۇپ بولغاندىن كېيىن،完美解码 بىلەن影音风暴 دىگەندەك مۇزىكا-فىلىم قويدۇرغۇچلارنى ئورنۇتۇشتىن ساقلىنىڭ، ماتېرياللارنىڭ كودىنى تۇنۇيالماسلىق ئېلىپ كېلىشى مومكىن. ھەل قىلماق ئاسان،完美解码 بىلەن 影音风暴 لارنى بىشىدا ئورنۇتۇپ، ئەڭ ئاخىردا iTunes ئورنۇتۇڭ.
ii) iTunes ئورنۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، iPod Touch نى ئۇلىسىڭىز iTunes دا كۆرەلەيسىز. iPod Touch تاللانمىسىنىڭ ئىچىدە摘要 تاللاپ،手动 دىگەن تاللانمىسىنى تاللاڭ. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، ئەگەر同步 نى تاللىسىڭىز iTunes نىڭ ئىچىدە نىمە بولسا iPod Touch غىمۇ شۇ قوشۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ بۇرۇنقى iPod Touch ئىچىدە ساقلىغان نەرسىلەر ئۆچۈرۈلۈپ كېتىدۇ! 手动 نى تاللىسىڭىز ئۆزىڭىز iTunes نىڭ ئىچىدىكى ياخشى كۆرگەن مۇزىكا-فىلىملەرنى سۆرەپ ئەكىرىيەلەيسىز. ئەلۋەتتە iTunes نىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر كومپىيوتېرىڭىزدىكى نەرسىلەر شۇ.iTunes چۈشۈرۈش ئورنى: http://www.apple.com/itunes/download/
2. كىنو فورمىتى توغرىسىدا
iPod Touch MP4 فورمىتىدىكى فىلىمنى تۇنۇيدۇ. لېكىن بىزنىڭ ئادەتتە چۈشۈرگەن كىنو rmvb ياكى avi فومىتىدە. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەن格式工厂 ئىشلەتتىم. 格式工厂 نى ئاچقاندىن كېيىن،移动设备/PSP/iPhone دىگەنگە كىرىڭ، ئاندىن所有转到iPhone MP4 دىگەنگە كىرىپ، باشقا فورمەتتىكى كىنونى قوشۇپ确定 نى بېسىپ،开始 بىلەن فورمەت ئالماشتۇرۇشنى باشلايسىز. بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ، بىر كىنو 20-30 مىنۇت ئىچىدە تامام بولىدۇ. دېققەت قىلىڭ، ئۆزلىشىپ بولغان كىنونىڭ ساقلانغان ئورنىنى بىلىۋېلىڭ، تاپالماي قالماڭ يەنە :). ئەڭ ئاخىردا كىنونى iTunes بىلەن iPod Touch غا قوشۇڭ. 格式工厂 ياخشى دېتال، ئاساسلىق جەھەتتىن ھەممە ئوخشىمىغان فورمەتتىكى مۇزىكا-فىلىملەرنى ئۆزئارا ئۆزگەتەلەيدۇ.
格式工厂 نى بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ: http://www.mediafire.com/download.php?lzmstjzebqo
دەسلەپتە مەنمۇ iPod Touch ئالاي دەپ ئويلاشقان، بولدى ئەمدى، بىزنىڭ قىزچاقلار ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، PSP ئالارمەن ;-p .
-
2008-07-31
ئېكران كۆرۈنۈشىنى GIF بىلەن ساقلاش دېتىلى - [يۇمشاق دېتال]
ئېكران ھەركەتلىرىنى ئالىدىغان يۇمشاق دېتاللار ئاز ئەمەس.
بۇ يەردە سىلەرگە ئاددى ھەم كىچىك بولغان بۇ دېتالنى تۇنۇشتۇراي. 《Gif·gIf·giF》، ئېكران ھەركەتلىرىنى GIF فورمىتىدە ساقلاپ بېرەلەيدىغان يۇمشاق دېتالدۇر، ئورنۇتۇشنىڭ ھاجىتى
يوق، چۇشۈرۈپ بىراق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. 《选择区域》دىگەن يەردىن ئېكران رايونىنى بىكىتىسىز. 《帧数/秒》دىگەن يەردىن سېكۇنتىغا ئالىدىغان سۈرەت سانىنى بىكىتىسىز، مەسىلەن تۆۋەندىكى كۆرۈنۈشنى 20 fps دە بىكىتىپ ئالىغىنىم. ئاندىن باشلايسىز، كۆرۈنۈشنى ئېلىپ بولغاندىن كéيىن، 《文件》دىگەن يەردىن《另存为》قىلىپ ساقلىسىڭىزلا تامام.
قانداق، ئاسانمىكەن؟!Enjoy it :)!
بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈش بېتىگە كېرىڭ:
http://www.mediafire.com/download.php?ajmekgxpznw
ئەسكەرتىش: چۈشۈرۈش بېتىگە كېرىپ " Click here to start







