• 2008-07-22

    1 مىليون پۇلنى قانداق تېپىش كېرەك: مىساللار - [باشقا]

    http://eynek.blogbus.com
     
     

    (بۇ يازمىنى جانلىقراق قېلىپ تەرجىمە قىلدىم، ئازراق ئۆزگەرتكەن يەرلەر بار)
    ئىنگلىزچە ئەسلى يازما مەنبەسى:
    http://marshallbrain.com/million9.htm

     

    ئالدى بىلەن بىر يېڭى ئىدىيىنى ئوتتۇرغا قويۇش كېرەك. ئامېركا ئىقتىساد شارائىتىدا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىتەلەيدىغان، ھەمدە ئۇلار شۇنىڭغا پۇل خەجلەشكە رازى بولىدىغان ئىدىيە بولۇش كېرەك. شۇنى ئاساس قىلغان ھالدا سودىنىڭ كىچىكىدىن باشلايمىز، ئاندىن پۇل تاپىمىز. 

    سېنىڭ ئويلاپ چىققان بۇ ئىدىيە دەل ئالتۇن تېزەكلىك ئېشەكنىڭ ئۆزى.

     

    سېنىڭ ئويلاپ چىقارغان بۇ ئىدىيىنىڭ سودىسى ساڭا مول بايلىق ئېلىپ كىلەلەيدۇ. سەن كالىدىن سۈت چىقىرالايسەن، ۋە ياكى بولمىسا ئۇنى سېتىۋەتسەڭمۇ بولىدۇ. مانا گەپ شۇنچىلىكلا ئاسان. ھەش-پەش دىگۈچە يا بىر كارخانچى بولىسەن، يا بولمىسا پۇلنى ئېلىپ ئۈرۈمچىدە ياشاپ كېتىسەن، ۋە ياكى ئىككىنچى قېتىملىق سودىنى باشلىۋىتىسەن. ئىككىنچى قېتىملىق سودىنى باشلىماق ئاسانراققا چۈشىدۇ، چۈنكى سەندە ھازىر تەجىربە بولۇپ قالدى.

     

    شۇنى ئەسكەرتىشكە لازىمكى، سودا ئۇسلۇبى مۇرەككەپ بولۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. Domino  نىڭ ئويلاپ چىقارغان ئۇسلۇبى شۇنچىلىك ئاسانكى، بىز تەييار قىلغان pizza  (ئىتالىيەچە گۆشنان) نى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرەيلى. مانا مۇشۇنچىلىكلا ئاسان، بۇنى ئاددى كۆرمەڭ، مۇشۇ ئاددى سودا ئۇسلۇبى Domino   گە مىلليونلاپ بايلىق ئېلىپ كەلگەن! تۆۋەندە يەنە باشقا مىساللار بار ... ...

           

    Netflix ---سەن بىزگە ھەر ئايدا پاقەت 20 دوللار بەرسەڭلا، بىز ساڭا 3 DVD  كىنو فىلىمىنى ئېۋەتىپ بېرىمىز. ئۇنى بىزگە قايتۇرۇپ بەرسەڭ، بىز ساڭا يەنە يېڭىسىنى ئېۋېتىپ بېرىمىز. قانداق، بۇمۇ ئاددىمىكەن. Netflix  نىڭ بۇ يېڭى ئىدىيىسى پلاستىنكا دۇكىنىغا بارىدىغانغا ئۆچ ئادەملەرگە خوشاللىق ئېلىپ كەلگەن.

     

    Advo ---بۇلارنىڭ قىلغىنى تېخىمۇ ئاسان. قىلىدىغنى، بىر بارچە قەغەزىنى قاتلاپ، ئۇنىڭ ئارىسىغا ھەر قايسى چوڭ-كىچىك ماللارنىڭ ئېتىبار بېرىش چىكىنى سېلىپ ۋە باشقىلارغا پوچتا ئارقىلىق سېلىپ بېرىش. مۇشۇ ئارقىلىق Advo ھازىر يىلىغا 1 بىليوندىن ئارتۇق سودا قىلىدىغان شىركەتكە ئايلانغان، دەققەت جۇما، بىليون دەۋاتىمەن! يەنە كېلىپ دەيدىغىنىم، بۇ پۇللار ئەتىسىلا پوككىدە يانچۇققا چۈشۈپ قالغان ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق ئاددى ئىدىيە بىلەن ئاز-ئازدىن بېيىغان. سەن ئەگەر بىر خام خىيالچى ئۈزۈم پىش، ئاغزىمغا چۈش دەيدىغان بىر نىمە بولساڭ، مۇشۇ يەرگىچە ئوقۇپ، كەينىنى بولدى قىل. 

     

    Southwest Airlines ---بۇ ئەمدى مۇرەككەپرەك، بۇنىڭغا ئايرۇپىلان، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانغا، مال توشۇشغا مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق تەغدىردىمۇ، Southwest Airlines نىڭ ئەڭ بىشىدىكى سودا ئۇسلۇبى ئىنتايىن ئاددى. ئۇ بولسىمۇ، دېكساس شىتاتىنىڭ 3 شەھەر ئارىسىدىلا ئۇچۇپ يۈرۈپ، ئادەملەرنى بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە توشۇشتۇر. بۇنداق قىلىش دەسلەپتىلا ئېقىپ كەتكەن. ئاستا-ئاستا شەھەر سانى كۆپەيدى، يولۇچىلار كۆپەيدى، سودىمۇ چوڭىيىپ كەتتى. شۇ يىللاردا ئۇلارنىڭ بۇنداق سودا ئۇسلۇبى پۈتۈن شۇ ساھەدىكىلەرگە چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. 

     

    توڭلاتقۇ سۈزگۈچى---بىر ئاغىنەم بار، ئۇ مۇشۇنداق كىچىك توڭلاتقۇ سۈزگۈچ سېتىش شىركىتى ئارقىلىق راھەت تۇرمۇش كورۈۋاتىدۇ. بۇ قانداق نەرسە دىسەڭ، ئۇنىڭ تەركىبى ئاكتىپلاشتۇرغان كاربون بولۇپ، توڭلاتقۇ ئىچىدىكى سۇ تامچىلىرى مۇزغا ئايلىنىش ئالدىدا ئۇلارنىڭ تەركىبىدىن خلورنى تارتىپ چىقىرىشتۇر. ئۇ ھەركۈنى توردىن نۇرغۇنلىغان تالونلارنى تاپشۇرۋېلىپ، مال چىقارسىلا بولدى. سودىسى ياخشى، چۈنكى تۇرمۇش سەۋىيىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان تەلىپىمۇ يۇقۇرلىدى (ئامېركا ياۋرۇپا تۇرمۇشى).

     

    ئەتراپىڭغا دېققەت قىلىپ باق، مەسىلەن McDonald's (麦当劳):ھامبۇرگ ساتايلىدىگەن بولسا، Wal-Mart ( 尔玛):ماللارنى جازىغا تېزىپ خېرىدارلار ئۆزى تاللىۋالسۇندىگەن. قاراپ باق، شۇ چاغدىكى ئەڭ ئاددى بىر ئىدىيە قانچىلىك بايلىقلارنى يارىتىپ كەتكەن! سېنىڭ قىلىدىغىنىڭ شۇ، ئۆزەڭگە ماس بىر سودا ئۇسلۇبىنى يارىتىش، ئۇنى يۈرۈشتۈرگىن، ئۇنى ئالتۇن تېزەكلىك ئېشەككە ئايلاندۇر.

     

    مانا بۇ بىر ئاددى سودىنىڭ باشلىنىشى دوستۇم ...... 

    历史上的今天: