-
2008-10-24
توك ماشىنا دەۋرىگە ئاز قالدۇق - [يېڭىلىق]
نېفىت مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكى، باھانىڭ مۇقىمسىزلىقى، مۇھىتنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشى، شۇنداقلا بەزىبىر سىياسى سەۋەبلەر ئاستىدا، ھەر قايسى داڭلىق ماشىنا شىركەتلىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق توك بىلەن ماڭىدىغان ماشىنىلارنى تەتقىق قىلماقتا.
BMW 宝马 نىڭ ئەڭ يېڭى پۈتۈنلەي توك بىلەن ماڭىدىغان ماشىنسى Mini-E نى مىسالغا ئالاي. ئۇنىڭ ھەجىمى كىچىك، لېكىن 204 HP لىق كۈچلۈك ماتۇرى بار. 0 دىن 100 كىلومېتىرلىق سۈرئەتكە ئاران 8.5 سېكۇنت كېتىدۇ. ماشىنىغا 35 kWh لىق لېتىي ئىئون باتارىيە ئورتاتقان، قايتىدىن پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئېنىرگىيەلىك تۇرمۇزى( regenerative braking system )ە، 2.5سائەتنىڭ ئىچىدە توك قاچىلاپ بولالايسىز، ھەمدە شۇ توك بىلەن 250 km يۈرەلەيسىز.
BMW نىڭ دەسلەپكى پىلانىدا، بىرىنچى تۈركۈم ئىشلەپ چىقارغان 500 بۇنداق ماشىنىنى ئامېركىدا تۇرۇشلۇق تاللانغان ئادەملەرگە سىناق دەرىجىسىدە بەرمەكچى، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي رەسمىي بازارغا سالماقچى.
{#pagenav}





