• http://eynek.blogbus.com/

    بۇ لوگو كۆزىڭىزگە تۇنۇش كۆرۈنىۋاتامدۇ؟ شۈنلېي迅雷مۇ يا؟! توغرا، بۇ شۈنلېي迅雷نىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى يەنى خەلقئارا نۇسخىسى، ئۇنىڭ ئىسمى Gigaget. باشقا چەتئەللىكلەرگە سېتىۋىتىلگەن ماللارغا ئوخشاش، بۇنىڭ سۈپىتى بەك ياخشى! قالايمىقان ئېلان قوشۇلمىغان، ئىشپىيونلۇق دېتال قوشۇلمىغان، قالايمىقان بىرەر ئېكران سەكرەپ چقىپ سىزنى ئاۋارە قىلمايدۇ، "بۇ يەردىن كېرىپ تىزىملىتىڭ" دەپ يەرلىرىمۇ يوق. ھەي، ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان شۈنلېي迅雷 بىزنى بوزەك قىلىپ كەپتۇ دە... ... شۈنلېي迅雷نى كۆپ ئىشلىتىدىغان دوستلار بۇنى سىناپ بېقىڭ. 

     

    .exe ھۆججەتنى چۈشۈرۈش، چېكىڭ  
    .rar ھۆججەتنى چۈشۈرۈش، چېكىڭ  

  • http://eynek.blogbus.com

    ئەڭ ئالدىدا ئەسكەرتىدىغىنىم، بۇ ئىككى كىنو ئېنىق نۇسخىلاردىندۇر، SCR(SCREENER) ئېنىقلىقىدىكى كىنولار. SCR  دىگىنىمىز، يېڭى كىنو بازاردا سېتىلىش سىن لېنتىسىغا سېلىشنىڭ ئالدىدا، ھەرقايسى دۇكانلارغا ئاپىرىپ سىناق دەرىجىدە(促销) ئىجارىگە بېرىلىدىغان نۇسخا. ئادەتتە كېيىنكى رەسمىي سېتىلىدىغان نۇسخىسى بىلەن بولغان پەرقى يوق دىيەرلىك.  بىر كىچىك كەمچىلىكى، فىلىم ئارلىقىدا 1-2 جۈملە سۆزلەر چىقىدۇ. 

    "شەپەرەڭ باتۇرى" بۇ يىل كىنوخان سېتىلىش رىكوتىنى بۇزغان كىنو!  بۇ قىسىمدا يەنىلا شەپەرەڭ باتۇرىنىڭ دەسلەپكى ھاياتىنى مەزمۇن قىلغان، بۇ قىسىمنىڭ ئىسمى "قارا چەۋەنداز".  "يېشىل گىگانت ئادەم" مۇ بۇ يىلى خېلى ئادەملەر ساقلاۋاتقان كىنونىڭ بىرسى! 

    كىنونى BT ئۇرۇقى ئارقىلىق چۈشۈرىسىز.  مەن  Thunder (迅雷) ئىشلىتىمەن. ئىشلىتىشنى ئۇقمايدىغانلار تۆۋەنكى يازمىدىن ئۈگىنىۋېلىڭ:  http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-16184-keyword-.html 

    ئۇيغۇرچە ئىسمى: شەپەرەڭ باتۇرى(دەسلەپكى ھاياتى2) --- قارا چەۋەنداز
    ئەسلى ئىسمى:  The Dark Knight
    يىلى:  2008
    دۆلەت: ئامېركا

    تىلى: ئىنگلىزچە
    خېتى: خەنزۇچە
    . IMDB  نۇمۇرى: 9.1/10
    .  IMDB  ئۇلىنىشى: http://us.imdb.com/title/tt0468569
    ئۇزۇنلىقى:  152 مىنۇت
    BT ئۇرۇقىنى چۈشۈرۈڭ: http://www.mediafire.com/download.php?cdmr1hkwuef 

    ئۇيغۇرچە ئىسمى: يېشىل گىگانت ئادەم2 --- تەڭداشسىز خۇلك
    ئەسلى ئىسمى:   The Incredible Hulk
    يىلى:  
    2008
    دۆلەت: ئامېركا

    تىلى: ئىنگلىزچە
    خېتى: خەنزۇچە
    .  IMDB نۇمۇرى:  7.5/10
    .  IMDB ئۇلىنىشى:  http://www.imdb.com/title/tt0800080
    ئۇزۇنلىقى:  112 مىنۇت
    BT
     ئۇرۇقىنى چۈشۈرۈڭ:

    http://www.mediafire.com/download.php?pdyexjpcslk

  • http://eynek.blogbus.com
     

    بۇ TorrentFreak دىن كەلگەن خەۋەر بولۇپ، ئۇنىڭدا دۇنيا بويىچە زىيارەت سانى ئەڭ كۆپ بولغان تۆت BT  تور بېتىنى تۇنۇشتۇرغان. ئۇلار:

    1. Mininova
    2.
    The Pirate Bay
    3.
    isoHunt
    4.
    Torrentz

     

    Mininova بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، كۈندىلىك زىيارەت سانى 2 مىليوندىن ئاشقان. ئۇنىڭدىن قالسا  The Pirate Bay، كۈندىلىك زىيارەت سانى 1.5 مىليون ئەتراپىدا. قالغا ئىككىسى 1 مىليوندىن ئاشمايدۇ. 

     

    Google نىڭ تەمىنلىگەن سانلۇق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن،  The Pirate Bay ئامېركا ۋە شىۋىتسىيەدە ئەڭ مودا بولغان BT   تور بېكەتلىرى، Mininova نىڭ قارشى ئېلىش دەرىجىسى بۇ ئىككى دۆلەتتە The Pirate Bay كە يەتمەيدىكەن. Torrentz يىندىستاندا ئەڭ مودامىش، ياپۇنىيەدە isoHunt ئەڭ مودامىش.

     

    باشقا سانلۇق مەلۇتقا قارىغاندا، BT    تور بېكىتىگە كىرىدىغانلارنىڭ سانى ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسە ئاشقان.

     

    ئۇنىڭدىن سىرت BT   نى ئىشلىتىشنى ئۇقمايدىغانلار بولسا بۇرۇنقى يازمامنى ئوقۇپ، Thunder (迅雷) ئارقىلىق BT    چۈشۈرۈشنى ئۈگىنىۋېلىڭلار. يازما ئۇلىنىشى:
    http://eynek.blogbus.com/logs/15173043.html